خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى ئاقلاشتا ھىندونېزىيەلىك ئوقۇغۇچىلاردىن پايدىلانماقتىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.05.12

مەركىزى ئاۋسترالىيەدىكى مۇستەقىل تور گېزىتى بولغان «سۆھبەت» (The Conversation) تە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئۆزلىرى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىپ ئوقۇتۇۋاتقان ھىندونېزىيەلىك ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا سالغان.

ماقالە ئاپتورى مۇھەممەد زۇلپىقار رەخمەتنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھىندونېزىيەدىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەسىرىنى ئاشۇرۇش بىلەن تەڭ، ھىندونېزىيەدىكى يۇمشاق كۈچىنىمۇ كېڭەيتكەن بولۇپ، بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ بىرى «سانتىرى» دەپ ئاتالغان مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تەمىنلەش تۈرى ئىكەن. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىشى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىغا قارىتا ھىندونېزىيەدە نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كۆپەيگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ھىندونېزىيەدىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارغا بېرىدىغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلىمۇ كۆپەيگەن. بۇنىڭ بىلەن خىتايدا ئوقۇيدىغان ھىندونېزىيەلىك ئوقۇغۇچى سانى كۆرۈنەرلىك ئارتقان.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئوقۇغۇچىلار ھازىر ھىندونېزىيە تاراتقۇلىرىدا خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئوبراز تەشۋىقاتچىلىرىغا ئايلانغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر ھىندونېزىيە يەرلىك تاراتقۇلىرىدا خىتايدا «دىنىي ئەركىنلىك» كاپالەتكە ئىگە، دېگەن قاراشنى تەشۋىق قىلىدىكەن. ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە سۆز قىلغاندا، خۇددى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ئوخشاشلا ئۇنى قوراللىق نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرىدىكەن. ئۇلار ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق چوڭ قاناللىرىدىمۇ خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلغان بولسا، بەزىلىرى ھەتتا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلغان ياكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنى ئەيىبلىگەن. بۇ ئوقۇغۇچىلار خىتاي ئىچىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگىمۇ ئىشتىراك قىلىدىكەن.

دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، يېقىندا قىلىنغان بىر تەكشۈرۈشتە ھىندونېزىيەدىكى ئىككىنچى چوڭ مۇسۇلمان تەشكىلاتى بولغان «مۇھەممەدىيە» جامائىتىنىڭ ئەزالىرى ئارىسىدا خىتاي ھەققىدىكى كۆز قاراش ئۆزگىرىشى بايقالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى پائالىيەتلىرىمۇ كۆپرەك خىتاينىڭ ئىجابىي ئوبرازىنى نامايەن قىلىدىكەن. ئەڭ مۇھىمى ھىندونېزىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئىسلام تەشكىلاتى بولغان «نەھدلاتۇل ئۆلىما» (Nahdlatul Ulama) غا مۇناسىۋەتلىك تەشكىلات بولۇپ، ئۇلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتايدا ئوقۇشىغا يول قويۇپلا قالماي، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ھەتتا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتاي شۆبىسىنى قۇرغان.

ئاپتور مۇھەممەد زۇلپىقار ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا «سانتىرى» مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلىرىغا خىتاب قىلىپ، ئۇلارنى خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ئىشەنمەسلىككە، ئەكسىچە خىتايدىكى ۋاقتىنى كۆپرەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىشكە، تەتقىق قىلىشقا سەرپ قىلىشقا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوچۇق خەت يېزىپ، ئۇنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى توختىتىشقا چاقىرىشقا دەۋەت قىلغان.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ھەمدە زور كۆلەملىك باستۇرۇش مەسىلىسى خەلقئارانىڭ زور غۇلغۇلىسىغا سەۋەب بولغاندىن كېيىن، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ھىندونېزىيەمۇ ھەرىكەتكە كەلگەن ئىدى. ھىندونېزىيەدىكى ئىككىنچى چوڭ مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى بولغان «مۇھەممەدىيە» جەمئىيىتىنىڭ ئىماملىرىمۇ «ئاجىز ۋە بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشىغا قارشى تۇرىمىز» دېگەن ماۋزۇدا ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان. بىراق ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھىندونېزىيەنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەنقىدى ئاساسەن كۆزدىن يۈتكەن بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دۆلەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇم ھەققىدە قىلغان ساختا تەشۋىقاتى ۋە باشقا مەبلەغ سېلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.