خىتاي دائىرىلىرى كومپارتىيىگە دائىر بىر قىسىم تارىخىي ئارخىپلارنى ئەبەدىي ئاشكارا قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە بېشارەت بەرگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.10.20

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى كومپارتىيەنىڭ ئابرۇيىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر قىسىم تارىخىي ئارخىپلارنى ئەبەدىي ئاشكارا قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە بېشارەت بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر تارىخىي ئارخىپلار 1958-يىلىدىن 1961-يىللىرى ئارىلىقىدىكى «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان چوڭ ئاچارچىلىق، ماۋ زېدۇڭ قوزغىغان «پولات تاۋلاش ۋە سانائەتلەشتۈرۇش دولقۇنى» شۇنداقلا 1966-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە داۋاملاشقان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» قاتارلىق سەزگۈر تارىخىي تېمىلارغا چېتىلىدىكەن.

1971-يىلىدىكى لىن بياۋنىڭ چەتكە قېچىشى ۋە ئۇنىڭ سىرلىق ئۆلۈمىمۇ خىتاي كومپارتىيەسى ئاشكارا قىلىشنى ئەسلا خالىمايدىغان تارىخىي ئارخىپلاردىن ھېسابلىنىدىكەن.

بېيجىڭدىكى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ پارتىيە تارىخى فاكۇلتېتى مۇدىرى شې چۈنتاۋ بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: « كومپارتىيە تارىخىدىكى بەزى ئارخىپلار دۆلەتنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە تاقىشىدۇ. بەزى ئارخىپلارنى ئاشكارىلاش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. تارىخىي تەتقىقات نۇقتىسىدىن پارتىيە تارىخىغا دائىر ئارخىپلارنىڭ ھەممىسى ئېچىۋېتىلسە ياخشى بولاتتى، ھالبۇكى، بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس شۇنداقلا ئۇلار ئەبەدىي ئاشكارا قىلىنمايدۇ!»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.