ئامېرىكا خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.01.28

يۇقىرى دەرىجىلىك بىر نەپەر ئامېرىكا دىپلوماتىيە ئەمەلدارى چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى ۋېندىي شېرمان بېيجىڭدا تەكىتلەپ، «بىزنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىمىزدا ھېچقانداق شۈبھە يوق. خۇسۇسەن ژۇرنالىستلارنىڭ بۇ ئەلدىكى خىزمەت قىلىش، تۇرۇش، سالاھىيەت مەسىلىسىدە» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە «بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن سەزگۈر مەسىلىلەر» دېدى.

بېيجىڭ شېرماننىڭ ئاسىيادىكى 3 دۆلەتكە قىلغان سەپىرىنىڭ تۇنجى بېكىتى. ئۇ خىتايدىن كېيىن جەنۇبىي كورېيە بىلەن ياپونىيەنى زىيارەت قىلىدۇ.

ئامېرىكا خىتاينىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئىزچىل تەنقىد قىلىپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى»، «بلۇمبېرگ» قاتارلىق ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان. چۈنكى، ئۇلار بەزى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ مەخپىي مال-مۈلكىنى ئاشكارىلىۋەتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.