خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدا 9 ئايرودروم قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارىدۇ

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-01-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى كېڭەش ۋە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنلىرى جەريانىدا دائىرىلەر ئارقىمۇ-ئارقىدىن 13-بەش يىللىق پلان جەريانىدا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىشقا ئاشۇرىدىغان بىر قاتار پىلانلارنى ئېلان قىلغان. ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىدا بۇ يىللىق 9 ئايرودروم قۇرۇلۇشى پلانىدۇر.

«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل، ئۇيغۇر دىيارىدا 9 ئايرودروم قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرۈش، كېڭەيتىپ قۇرۇش ۋە ياكى ئىش باشلاش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان،

ئىلگىرى كېڭەيتىلىپ قۇرۇلغان ئۈرۈمچى ئايرودرومى بۇ يىل يەنە بىر قېتىم كېڭەيتىپ قۇرۇش ئىشى باشلايدىغان بولۇپ، دائىرىلەر ئۈرۈمچى ئايرودرومىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش ئارقىلىق 2025-يىلىغا بارغاندا يولۇچىلارنىڭ يىللىق توشۇش مىقدارىنى 48 مىليون ئادەم قېتىمغا، پوچتا خەت-خالتىلىرى ۋە مال توشۇش مىقدارىنى 55ئو مىڭ توننىغا يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان. بۇ ئارقىلىق ئۈرۈمچى ئايرودرومىنىڭ خەلقئارالىق ئالاقە تۆگىنىلىك رولىنى ئاشۇرماقچى ئىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە قۇرۇلۇپ بولۇنغان ئايرودروملاردىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ چېگرا نۇقتىلىرىغا جايلاشقان ئالتاي، تاشقورغان، چۆچەك، كۈنەس ئايرودرومىنلىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش ئىشلىرى باشلىنىدىكەن.

دائىرىلەر يەنە بۇ يىل ئالار، بايىنبۇلاق، قوبۇقسار، گۇچۇڭ قاتارلىق جايلارغا يېڭى ئايرودروم ۋە، شىخودا ھەربىي ۋە پۇقرالار ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يېڭى ئايرودروم قۇرۇش پلانلىرىغا ئائىت خىزمەتلەرنى تېزلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي يەنە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەرلەردىن يەكەن، چاقىلىق ئايرودرورملىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش، خوتەن ۋە كورلا ئايرودروملىرىنىڭ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىمۇ پىلان قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە دائىرىلەر ئۇيغۇرلار نوپۇس جەھەتتە كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىنىڭ باشقا رايونلار بىلەن بولغان قاتنىشى، جۈملىدىن تۆمۈر يول، يۇقىرى سۈرەتلىك ئاسفالىت يول ۋە ھاۋا قاتنىشى قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ تېز ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرىلىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت