خىتاي رابىيە قادىر خانىم قاتارلىق 10 كىشىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنلىرىغا قاتناشتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.10.09

خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرى ب د ت غا قارا تىزىملىك تاپشۇرۇپ، تىزىملىكتىكى كىشىلەرنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنلىرىغا قاتناشتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلغان. ئەمما خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ تەلىپى رەت قىلىنغان.

رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 2 ئەمەلدارى ئەھۋالنى ئاشكارىلاپ، خىتاي تاپشۇرغان 10 كىشىلىك تىزىملىك ئىچىدە د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يۇقىرىقى 2 ئەمەلدارى خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ھەر قېتىملىق يىغىندىن بۇرۇن ئىزچىل قارا تىزىملىك تاپشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ يىل 9‏- ئايدىكى يىللىق يىغىندىن بۇرۇن يەنە قارا تىزىملىك تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى دىپلوماتىك ئەمەلدارى رېن يىشېڭ، ب د ت ئەمەلدارلىرىغا د ئۇ ق نىڭ «تېررورلۇق ھەرىكەتلەر بىلەن ئالاقىسى بار، ئۇ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە تەھدىت» دېگەن.

بىراق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى گومەز، رېيتېرس ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، ب د ت ئۇيغۇرلارنى ھېچقاچان ب د ت يىغىنىغا قاتنىشىشتىن توسۇپ باقمىدى، دەپ كۆرسەتتى.

دولقۇن ئەيسا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ يىل 9‏-ئايدىكى يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.