خىتاي ب د ت دا ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە يەنە تەنقىدكە ئۇچرىغان

خىتاي 4-ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى ب د ت نىڭ 56-قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە يەنە تەنقىدكە ئۇچرىغان. يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى يەنىلا شۇ كۈنكى يىغىننىڭ ئاساسى نۇقتىسى بولغان. «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئۆمەر زىنىبېرنىڭ خىتاينىڭ ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر تەرىپىدىن سۇنۇلغان 400 دىن ئارتۇق تەۋسىيەنىڭ 70 پىرسەنتىنى دېگۈدەك قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتىشىغا قارىتا، غەرب دۆلەتلىرى بۇ رەقەمنىڭ قايمۇقتۇرۇش خاراكتېرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. يىغىندا ئامېرىكانىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مىشېل تايلور (Michele Taylor) : ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتى بولغان «شىنجاڭدا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقى» ئېيتقان.

مىشېل تايلور مۇنداق دېگەن: «خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە نېگىزلىك ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىش ھەققىدىكى ئىزچىل چاقىرىقلىرىغا قارىتا ھەرىكەت قوللىنىشنى رەت قىلىپ كەلدى ۋە نۇرغۇن ئىجابىي تەۋسىيەلەرنى قوبۇل قىلمىدى».

مىشېل تايلورنىڭ تەكىتلىشىچە، «خىتاينىڭ سۇيىئىستېمالى ب د ت نىڭ باھالىشى ۋە تەۋسىيەلىرىنى رەت قىلىش، ئۇنىڭ خەلقئارا مەسئۇلىيىتىگە خىلاپلىق قىلىش ياكى ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن دېرەك بەرمەكتە» ئىكەن.

يىغىندا ئەنگلىيەنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى سىمون مانلېي (Simon Manley) خىتاينىڭ ئەنگلىيە ئوتتۇرىغا قويغان بارلىق تەۋسىيەلەرنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سىمون مانلېي: «بۇ ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئېتىراپ قىلمىدى. ب د ت نىڭ ھوقۇقلۇق شىنجاڭ دوكلاتىنى يەنە بىر قېتىم ‹قانۇنسىز ھەم ئېتىبارسىز› دەپ كۆرسەتتى. ھالبۇكى، بۇ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس» دېگەن. لېكىن خىتاينىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېن شۈ يىغىندا: خىتاي قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان تەۋسىيەلەر «سىياسىي مەقسەت، يالغان ئۇچۇر، ئىدېئولوگىيەلىك بىر تەرەپلىمىلىك ياكى خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى ئىگىلىك ھوقۇقىغا مۇداخىلە قىلىشنى چىقىش قىلغان» دەپ كۆرسەتكەن. 4-ئىيۇل كۈنىدىكى يىغىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 2022-يىلى 8-ئايدا «شىنجاڭ دوكلاتى» نى ئېلان قىلىشىدىن بۇيان، ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قاراپ چىقىشى ئىكەن. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 2022-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا «شىنجاڭ دوكلاتى» نى مۇزاكىرە قىلىشنى ئاۋاز قويغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تەكلىپ 3-دۇنيا دۆلەتلىرى، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىدا رەت قىلىنغانىدى.