خوتەن ۋالىسى، خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىسلامنى نائىلاج قوبۇل قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.07.10

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى ئەزىز مۇسا دۈشەنبە كۈنى «تەڭرىتاغ تورى» دا ماقالە ئېلان قىلىپ، «دىنىي رادىكاللىق» نى خوتەننىڭ بۇنىڭدىن مىڭ يىل بۇرۇن ئىسلاملىشىشىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇندى.

ئەزىز مۇسا «دىننى قامال قىلىۋالغان كىشىلەرنىڭ بىزنى ئالدىشىغا يەنە يول قويمايلى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇرۇن بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ 11‏-ئەسىردە ئىسلامغا كىرىشى بىر دىنىي ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خوتەن ئۇيغۇرلىرى قاراخانىيلارنىڭ بېسىمىدا ئىسلامنى نائىلاج قوبۇل قىلغان. 40 يىللىق ئۇرۇش خوتەن خەلقىگە زور ئاپەت ئېلىپ كېلىپ، شۇنىڭدىن كېيىن «خوتەن خەلقى ئۆزىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى» نى يوقىتىپ قويغان.

ئەزىز مۇسا يەنە، خوتەن خەلقىنىڭ بۇرۇن ھەر خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بىز خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەجدادى قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ بېسىمىدا نائىلاج ئىسلامنى قوبۇل قىلغان. مانا بۇ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ ھەقىقىي ئۆزگىرىش تارىخى» دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ باشلىرى ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى باشلىغاندىن بېرى، ئىسلامنى دىنىي رادىكاللىقنىڭ مەنبەسى دەپ قاراپ، ھۇجۇم نىشانىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قاراتقان.

بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەزىز مۇسانىڭ بۇنىڭدىن مىڭ يىل بۇرۇنقى ۋەقەنى ھازىرقى ۋەزىيەتكە ئويدۇرۇپ، «دىنىي رادىكاللىق» نى خوتەننىڭ ئىسلاملىشىشىغا باغلىشىدىكى مەقسىتى «ئىسلامغا قارشى تۇرۇشنىڭ تارىخىي نەزەرىيەسىنى يارىتىشكەن.» ئەزىز مۇسا، 11‏-ئەسىردە قاراخانىيلارنىڭ خوتەننى بويسۇندۇرۇپ، ئۇنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىغا خاتىمە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىراق بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خوتەننىڭ ئىسلاملىشىشى بىلەن دىنىي رادىكاللىقنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقكەن. مۇتەخەسسىسلەر، قاراخانىيلارنىڭ خوتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇنى ئىسلاملاشتۇرۇشى پۇل، ئۆلچەم، يېزىقنىڭ بىرلىككە كېلىشى، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى، خوتەن خەلقىنىڭ قاراخانىيلارغا ئۇيۇشۇپ، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.