دائىرىلەر ئۇيغۇر خەتتاتلىق مۇسابىقىسىدىمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېما قىلدى
2016.09.27
خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى يەنى شەنبە كۈنى خوتەن شەھىرىدە «دۆلەت بايرىمى»نى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك «مەدەنىيەت-سەنئەت ئارقىلىق ئىناقلىقنى كۈيلەش» خەتتاتلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر پائالىيەتكە خوتەندىكى خەتتات ھەۋەسكارلىرى قاتناشقاندىن باشقا، ياسىن كېرىم، مۇھەممەد ئاللابەردى قاتارلىق خەتتاتلىق ماھارىتى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا تونۇلغان بىر تۈركۈم نامى چىققان خەتتاتلارمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرۇلغان. مەزكۇر خەۋەردە يەنە مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان خەتتاتلارنىڭ « شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› ئىستراتېگىيىسىگە ئاساسسەن ئۆزلىرىنىڭ خەتتاتلىق ماھارىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدا مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دائىرىلەر مۇشۇنداق ھەر خىل ناملاردىكى مەدەنىي پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قىزىل تەشۋىقاتنى بارغانچە كۈچەيتكەن. خىتاي دائىرىلىرى بۇ خىل پائالىيەتلەرنى «ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتىش، دىنىي رادىكاللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش» دەپ تەرىپلىگەن. ئەمما بۇ ئەھۋال چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى تەرىپىدىن «شەكلى ئۆزگەرگەن مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى» دەپ تەنقىدلەنمەكتە.









