ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ خىتايغا قارشى بىرلىككە كېلىشىدىن خىتاي بىئارام بولغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.03.17

«ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» نىڭ 17-مارت كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى (17-مارت) بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنى «خىتاينىڭ تاشقىي سىياسىتىگە زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلدى، خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلاشتى» دەپ ئەيىبلىگەن.

خىتاينىڭ بۇ باياناتى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېننىڭ ئالياسكادا خىتاي تاشقىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى ياڭ جيېچى ۋە خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشۈش ھارپىسىغا توغرا كەلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى لويد ئوستىن 16-مارت كۈنى ياپونىيە باش ۋەزىرى ۋە ياپونىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۇلار دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر خىرىسقا ئۇچراۋاتقانلىقى، خىتايدىن كېلىۋاتقان تەھدىتكە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە بىر پىكىرگە كەلگەن ۋە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان. بۇ باياناتتا ياپونىيە تەرەپنىڭمۇ تەيۋەننىڭ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىغۋاگەرچىلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بىرلىككە كېلىپ، خىتايغا قارشى بىرلىك سەپ تۈزۈشى خىتاينى ناھايىتى بىئارام قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.