خىتايدا بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئوت كېتىپ 10 ئادەم ئۆلگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014.03.05

چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ جىلىن ئۆلكىسىدە بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئوت كېتىپ 10 ئادەم ئۆلگەن، 17 ئادەم يارىلانغان.

جىلىن ئۆلكىسى بۇ ھەقتە تارقاتقان ئۇچۇرغا قارىغاندا، ئاپتوبۇسقا ئوت چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە كەتكەن. ئەينى چاغدا بۇ ئاپتوبۇستا 43 نەپەر يولۇچى بار ئىكەن.

ھازىرچە ئاپتوبۇسقا ئوتنىڭ قانداق كەتكەنلىكى نامەلۇم بولۇپ، نۆۋەتتە ساقچىلار ئوت كېتىش سەۋەبلىرىنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن.

مەزكۇر ۋەقە، بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە خىتايدا يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق ئاپتوبۇسقا ئوت كېتىش ۋەقەسىدۇر.

ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى گۈيياڭ شەھىرىدىكى سۇ فامىلىك بىر خىتاي ئەر جەمئىيەتكە نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئاپتوبۇسقا ئوت قويغان.

بۇ ۋەقەدە 6 يولۇچى ئۆلگەن، 25 يولۇچى يارىلانغان ئىدى.

كېيىن بۇ خىتاي ئەر ئايالىنى ناشايان ئىشلارنى قىلدى، دەپ گۇمانلىدىغان بولغانچقا، بۇنىڭ ئاچىقىدا ئەقلىدىن ئېزىپ، شۇنداق قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلغان.

ئۆتكەن يىلى شيامېن شەھىرىدە بىر خىتاي ئەر بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئوت قويۇپ، ئۆز بىلەن قوشۇپ 46 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن.

بۇنى خىتاي ئاخباراتلىرى جەمئىيەتكە نارازى بولۇشتىن كېلىپ چىققان ھادىسىلەر دەپ ئىزاھلىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.