خىتايدىكى بىر دېھقان بازىرىغا ئوت كېتىپ 16 ئادەم ئۆلگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.12.11

چارشەنبە كۈنى خىتايدىكى بىر دېھقان بازىرىغا ئوت كېتىپ 16 ئادەم ئۆلگەن. يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاپەت چارشەنبە كۈنى تاڭ سەھەردە شېنجېن شەھىرىگە جايلاشقان روڭجاڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى توپ تارقىتىش بازىرىدا يۈز بەرگەن.

شېنجېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئوتنىڭ شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگە سائەت 1 يېرىمدا كەتكەنلىكى ۋە چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ئوتتا بازارنىڭ 1 مىڭ كۋادرات مېتىر قىسمى كۆيۈپ، كۈل بولۇپ كەتكەن.

باياناتقا قارىغاندا، ئاپەتتە 16 ئادەم ئۆلگەن، بەش ئادەم يارىلانغان. ھالبۇكى، دائىرىلەر ئوتنىڭ قانداق كەتكەنلىكىنى ھەققىدە بىر نەرسە دېمىگەن.

بۇ يىل ئىيۇن جىلىندىكى بىر قۇش مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتىدا ئوت كېتىپ، 120 ئادەم ئۆلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.