چەتئەللەرگە قاچقان خىتاي پارىخور ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئامېرىكىدا
نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، چەتئەللەرگە قاچقان يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي پارىخور ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئامېرىكىدا ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، پەقەت 4 - ئاي مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي دىلو تۇرغۇزۇپ چەتئەللەردىن تۇتۇپ كېلىش بۇيرۇقى چىقارغان 100 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ 40 نەپىرى ئامېرىكىدا ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. تىزىملىكتىكى بۇ 100 نەپەر پارىخور ئەمەلدار، بۇ يىلنىڭ بېشىدا خىتاي ئېلان قىلغان 150 نەپەر ئەمەلداردىن كېيىن ئامېرىكىغا تاپشۇرغان يەنە بىر تۈركۈم ئەمەلدارلار ئىكەن. خەۋەردە يەنە، خىتايدا خىيانەت قىلىپ چەتئەللەرگە قاچقان ئەمەلدارلار ئەڭ كۆپ يەرلەشكەن دۆلەت ئامېرىكا ئىكەنلىكى، ئامېرىكىدىن قالسا كانادا، يېڭى زېللاندىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە يەرلەشكەن خىتاي پارىخور ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەڭ جىق ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، خىتاينىڭ شىخۇا ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «2014 - يىلى بىر يىل ئىچىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتى پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ 69 دۆلەتتىن تۇتقۇن قىلىپ قايتۇرۇپ كەتكەن پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ سانى 680 كىشىگە يەتتى» دېگەن ئۇچۇرىمۇ نەقىل ئېلىنغان.