«خىتاي دېگىتال دەۋرى» تورىدا «مىللەتلەر ئىناقلىق مارشى» تەنقىد قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.01.12

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كەڭ كۆلەمدە تارقىتىلىپ، پۇقرالارغا مەجبۇرىي ئاڭلىتىلىۋاتقان «مىللەتلەر ئىناقلىق مارشى: جۇڭگولۇقلار خىتابنامىسى» ناملىق ناخشا تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

ئامېرىكىدا تارقىتىلىدىغان «خىتاي دىگىتال دەۋرى» ناملىق تور بېكىتى جۈمە كۈنى بۇ ناخشىنىڭ تېكىستىنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدى. ناخشا تېكىستىنى بۇ تور بەتنىڭ ئۇزۇن مەزگىل ئۈرۈمچىدە تۇرغان يازغۇچىسى ئەلىسىيە تەرجىمە قىلغان.

ئەلىسىيە مەزكۇر بالىلار ناخشىنىڭ تەرجىمىسىگە يازغان كىرىش سۆزىدە بۇ تەشۋىقات ناخشىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى دۇكان، بازار، مەكتەپ، ئاممىۋى سورۇنلاردا يۇقىرى ئاۋازلىق كاناي بىلەن ھەر كۈنى تەكرار-تەكرار قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھازىرقى ئېغىر سىياسىي مۇھىتىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان تىپىك كۆرۈنۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەلىسىيە يەنە بۇ ناخشىدا شەرق مەدەنىيىتى ۋە خىتاي مىللىي روھىغا مەدھىيە ئوقۇلغان بولسىمۇ، بىراق شەرق مەدەنىيىتى ئۇيغۇر تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ، قازاق، تاجىك، موڭغۇل ۋە رايوندىكى باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نەزىرىدە خىتاي ئەزگۈچىلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

«خىتاي دېگىتال تورى» نىڭ خەۋىرىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2014‏-يىلىدىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا «تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» باشلىغانلىقىنى، بىراق خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن «ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بۇ ھەرىكەت مىللىي مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىدۇ،» دەپ تەنقىد قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر تور بېتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ رايوندىكى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە بىئولوگىيەلىك ئۇچۇر يىغىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نازۇك تېخنىكىلارنى كەڭ كۆلەملىك قوللىنىشتەك ئالاھىدىلىكلەر بىلەن خاراكتىرلىنىدىكەن. خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ رايوندا روزى تۇتۇشنى چەكلىشى، ھىجاب، ساقال ۋە بالىلارغا دىنىي ئىسىملارنى قويۇشنى مەنئى قىلىشى، ئاتالمىش «ئەسەبىي قىلىق ۋە قىياپەتلەر» گە قارشى كەڭ كۆلەملىك تەدبىرلەرنى ئېلىشىدەك بىر قاتار سىياسەتلىرىنىڭ نىشانلىق ھالدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.