خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى دىنىي خىزمەت يىغىنى ئاچتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.04.25

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 4 - ئاينىڭ 22 - 23 - كۈنلىرى پۈتۈن مەملىكەتلىك دىنىي خىزمەت يىغىنى چاقىرغان بولۇپ، يىغىندا سۆز قىلغان كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ خىتاينىڭ «جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دىنى نەزەرىيىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرىدىغانلىقى»نى تەكىتلىگەن.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن نەقىل ئېلىشىچە، شى جىنپىڭ خىتاينىڭ «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دىنغا رەھبەرلىك قىلىش، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇپ باشقۇرۇش، سىرتنىڭ دىنى جەھەتتىكى سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرنىڭ زىيان سېلىشىغا تاقابىل تۇرۇشى»نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى»نىڭ 24 - ئاپرىلدىكى ئۇچۇرىدا شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭدىكى دىنى خىزمەت يىغىنىدا «دىنىي مەسىلىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا باشتىن ئاخىرى ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان مەسىلە دەپ ھېسابلىغانلىقى» كۆرسىتىلگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ، نۇتىقىدا «دىنىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، پاتىيەنىڭ دىنىي خىزمەتتىكى ئاساسىي كۆرسەتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك سىياسىتىنى ئومۇمىييۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنى ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش» كېرەك دەپ تەكىتلىگەن.

يىغىندا يەنە خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسى يۈ جېڭشېڭ ۋە باشقىلار سۆز قىلغان.

مەلۇمكى، خىتايدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ دەخلى - تەرىزگە ئۇچراش ئەھۋالى يىللاردىن بۇيان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئىزچىل تەنقىد قىلىنىپ كېلىنمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.