خىتاي ئالىي سوتى «غەربچە ئەدلىيە مۇستەقىللىقى» گە قارشى تۇرۇشنى تەكىتلىدى
2015.02.27
خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى بارلىق كومپارتىيە كادىرلىرىنى «غەربنىڭ خاتا ئىدىيىلىرى» دىن ساقلىنىشقا چاقىرغان. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان جۇڭگو خەۋەرلەر تورى ئېلان قىلغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى پارتىيە كومىتېتى چارشەنبە كۈنى چاقىرغان يىغىنىدا غەربنىڭ «ئەدلىيە مۇستەقىللىقى» ۋە «ھوقۇقلارنى ئايرىش» قا ئوخشاش ئىدىيىلىرى بىلەن چەك - چېگرا ئايرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. يىغىندا يەنە، غەربنىڭ خاتا ئىدىيىلىرىدىن ھەزەر ئەيلەپ، «جۇ ڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم» يولىدىن قەتئىي تەۋرەنمەسلىك تەكىتلەنگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي ئالىي سوتىنىڭ غەربكە قىلغان بۇ ھۇجۇمىنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ماۋ دەۋرىدىكى سىياسىي تۈزۈمگە قايتىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر بىشارىتى، دەپ باھا بەرگەن.
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، بەزى خىتاي كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھات قىلىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشقان. بىراق، شى جىنپىڭنىڭ ھەرىكەتلىرى ئارزۇ قىلىنغاننىڭ ئەكسىچە بولماقتا.