ۋىيېتنام ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىشتا خىتايدىن ئېشىپ كەتكەن بىر پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرى ئاقسۇنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىشنى كۈچەيتكەن.
نۆۋەتتە خىتاي تاراتقۇلىرى، ئاقسۇنىڭ بۇ يىل 1-ئايدا يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى شەرقىي-جەنۇبى ئاسىيادىكى ھىندونېزىيەگە ئېكسپورت قىلىشتا ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 104 پىرسەنت ئارتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاينىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشتا شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە يۈزلىنىشى، ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا ئىدارىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئېلېكترونلۇق بۇيۇملار، كىيىم-كېچەك، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىشتا ۋېيتنامنىڭ خىتايدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا چىققان.
ئادرىيان زېنزگە ئوخشاش مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكانىڭ تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىشتا شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 23-فېۋرال بەرگەن خەۋىرىدە، ئاقسۇ تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل 1-ئاينىڭ ئۆزىدە ھىندونېزىيەگە ئېكسپورت قىلىنغان ئاقسۇ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ 7500 تونناغا يەتكەنلىكى، ئومۇمىي قىممىتى 96 مىليون يۈەن بولغان بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 104 پىرسەنت ئارتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.
خەۋەردە، 3 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاقسۇ نەشپۈتىنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىياغا قاراپ يولغا چىققانلىقى، بۇ نەشپۈتلەرنىڭ «ئاقسۇ گوشىياڭيۈەن دېھقانلىق تەرەققىيات شىركىتى» قىشلىق ئىسكىلاتىدا قاچىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە يەنە ئاقسۇ تاموژنا ئىدارىسىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ بۇ يۈزلىنىشنى «ياخشى بىر باشلىنىش» دەپ تەرىپلىگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. ئامېرىكادىكى «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى درىيان زېنزنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئاشكارىلىشىچە، 2017-يىلى باشلانغان ئۇيغۇر رايونىدىكى چوڭ باستۇرۇشتا بەزى جايلاردا 90 پىرسەنت يەرلىك دېھقاننىڭ يېرى تارتىۋېلىنىپ، خىتاي شىركەتلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىكەن.