خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى: «شىنجاڭدا لاگېر يوق»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-05-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەي ئامېرىكادىكى بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا لاگېر يوق بولۇپ، بۇ ئورۇنلار «كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىش مەركەزلىرى» ئىكەن. سۈي تيەنكەي 21‏-ماي كۈنى «فوكس خەۋەرلەر» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سودا ئۇرۇشى، لاگېرلار، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى قاتارلىق سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ لاگېرلار ھەققىدىكى يۇقىرىقى سۆزلەرنى رىياسەتچىنىڭ «ئەڭ ھالقىلىق ۋە جىددىي مەسىلە خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللىتىگە دىققەت قىلماقتا. تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىنىڭ دوكلاتىدا ‹لاگېرلاردىكى مۇتلەق كۆپچىلىك كىشىلەر، تەخمىنەن بىر مىليوندەك ئۇيغۇر ھېچقانداق جىنايىتى يوق، ھېچقانداق قانۇنى كاپالىتى يوق تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئۇلارنىڭ بىردىن بىر جىنايىتى پەقەت مۇسۇلمان بولغانلىقىدۇر. . . . . . . خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇ ئورۇنلارنى كەسپى ماھارەت ئۆگىنىش مەركەزلىرى، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىنمىدى، دەپ ئاقلىماقتا› دېيىلگەن. بۇ ئورۇنلاردا بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتامدۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە تەكىتلىگەن. سۈي تيەنكەي ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن 2-3 ھەپتە ئاۋۋال ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئۇ يەردە لاگېر يوق. مەن بەزى كەسپىي ماھارەت مەركەزلىرىنى زىيارەت قىلدىم. بۇ ئورۇنلار لاگېر ئەمەس، ھەقىقىي كەسپىي ماھارەت مەركەزلىرىدۇر. بۇ ئورۇنلارنىڭ دەرۋازىسى ئوچۇق، قوراللىق قوغدىغۇچىسى يوق. كىشىلەر ھەر ھەپتە ئاخىرى ئۆيىگە كېتەلەيدۇ» دېگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «شىنجاڭدىكى ھەقىقىي خىرىس ئۆتكەن يىللىرىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملار» ئىكەن. ئۇ خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى سىياسىتىنى ئاقلاپ، «بۇ خىل تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش بىز ئۈچۈن ئەڭ زور خىرىس ئىدى. بىز ئەڭ ياخشى ئاماللارنى قىلىپ، بۇ رايوندىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ھاياتى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداپ كەلدۇق» دېگەن.

سۈي تيەنكەي ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى كەسكىنلەشكەن، شۇنىڭدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ 2 مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەش، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەقىب قىلىشتەك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى جازالاش ھەققىدە كۈچلۈك بېسىمغا ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە «فوكس خەۋەرلەر» قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت