خىتايدا ئۆتكەن يىلى 53 نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرىگە «چىرىكلىك» بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان
2016.01.04
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن بىر يىلدا خىتايدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئېغىر دەرىجىدىكى «چىرىكلىك» ھادىسىلىرى كۆپلەپ ئاشكارىلانغان.
خىتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تورىنىڭ 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلغان ئالىي مەكتەپلەردىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ھەپتىدە بىر نەپەردىن ئالىي مەكتەپ رەھبىرىگە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 2015-يىلىدا خىتايدىكى 34 ئالىي مەكتەپنىڭ 53 نەپەر رەھبىرىگە «چىرىكلىك» بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان «چىرىك ئەمەلدار» لار سانى ھەممىدىن كۆپ ئىكەن.
2015-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى مەخسۇس باياناتتا خىتايدىكى ئالىي مەكتەپ رەھبەرلىرىدىن 11 كىشىنىڭ كومپارتىيەدىن قوغلانغانلىقى ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلىكى، 14 كىشىگە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەنلىكى، 16 كىشىنىڭ داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر، ئەزەلدىن ئەركىن پىكىرلەرنىڭ بۆشۈكى بولۇپ كەلگەن ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئېغىر دەرىجىدە «چىرىكلىك» ھادىسىسىنىڭ كۆرۈلگەنلىكى خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى ۋە خىتاي جەمئىيىتىدىكى چىرىكلىكنىڭ قايسى دەرىجىگە يېتىپ بارغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا.









