بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارغا «مەركەز بىلەن قارشى پىكىردە بولغان» دېگەن جىنايەت ئارتىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.01.05

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خىتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5-يانۋار ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدىن نەقىل ئېلىپ بەرگەن خەۋىرىدە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئىلگىرىكى مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى لۇ شىۋېن «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ،مەركەز بىلەن قارشى پىكىردە بولغانلىقى ئۈچۈن، مەركىزى كومىتېتنىڭ ئۇنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، كومپارتىيىدىن قوغلاپ چىقارغانلىقى» تىلغا ئېلىندى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەن لۇ شىۋېن، بۇلتۇر يەنى 2015-يىلى 11-ئايدا خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتىكى، «لۇ شىۋېن تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق كۆرسىتىپ، تەشكىل بىلەن بولغان سۆھبەتتە مەسىلىسىنى ئەينەن تاپشۇرمىغان، كادىرلارنى خىزمەتكە قويۇش بەلگىلىمىلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان، ئۆز ئالدىغا مەنپەئەتدارلىق گۇرۇھى تەشكىللەپ، مەركىزى ھۆكۈمەت بېكىتكەن "8 نىزام"غا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان» دېگەن بايانلار ئۇنى جازالاشتىكى جىنايى پاكىتلار قىلىپ كۆرسىتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.