خىتاي نېفىت ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار 12 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.01.19

خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ سابىق باش دىرېكتورى لياۋ يوڭيۈەن پەيشەنبە كۈنى پارىخورلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دېجوۋ شەھىرىدىكى سوتتا كۆرۈلگەن داۋادا ئۇنىڭغا يەنە بىر يېرىم مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلغان. سوتنىڭ باياننامىسىدە ئۇنىڭ پارىخورلۇق قىلىش ۋە مال-مۈلكىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەسلىك جىنايىتى بىلەن سوتلانغانلىقى يېزىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، لياۋ يوڭيۈەن پارىخورلۇق بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان خىتاي مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى جو يۇڭكاڭدىن قالسىلا شى جىنپىڭنىڭ «غەزىپىگە» ئۇچرىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ بىرى جۈملىدىن نېفىت ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلداردۇر.

خىتاي دائىرىلىرى 2015‏-يىلى مارتتا لياۋ يوڭيۈەننىڭ تەكشۈرۈشكە ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.