خىتاي ئالىي سوتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.02.16

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 16-فېۋرال كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ئالىي سوتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى شى شياۋمىڭ پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، سىياسىي ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان.

پەيشەنبە كۈنى تيەنجىن ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدىكى سوتتا، ئۇنىڭ خىزمەتتىكى مەزگىلىدە يەنى 1996‏-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ 114 مىليون سوم يەنى ئالاھازەل 16 مىليون دوللار قىممىتىدە پارا ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. سوت قارارىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ بارلىق مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدىكەن.

شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بۇيان، چىرىكلىككە قارشى كۈرەش نامى ئاستىدا نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى غۇلاتتى. بىراق چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، بۇ كىشىلەرگە ئائىت مۇستەقىل تەكشۈرۈشلەرنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، بۇنىڭ بىر جىنايى داۋا ياكى سىياسىي ئۆچ ئېلىش ۋەقەسى ئىكەنلىكى ھەققىدە سوئال قويماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.