ئىنتېرپول چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن خىتاي ئەمەلدارلارنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-04-23
Share

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان خىتاي كۈندىلىك گېزىتى پەيشەنبە كۈنى چەتئەلگە قېچىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان 100 نەپەر چىرىك ئەمەلدارنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى رەسىمى بىلەن قوشۇپ ئېلان قىلغان.

خەۋەردە، بۇ كىشىلەرنىڭ جىنايىتى، ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى ۋە يېشىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارمۇ بېرىلگەن بولۇپ، «خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى» ‏-ئىنتېرپولنىڭ ئۇلار ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئامېرىكا ۋە كاناداغا قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا تەخمىنەن 16مىڭدىن 18 مىڭغىچە بولغان كادىر ۋە ئىشچى-خىزمەتچى چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن. ئۇلار ئەپ قېچىپ كەتكەن مال-مۈلكىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى بولسا 135 مىليارد دوللارغا يېتىپ بارىدىكەن.

شى جىنپىڭ چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى باشلىغاندىن بۇيان ھازىرغىچە مىڭلىغان ئەمەلدار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. بىراق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بەزىلىرى، خىتايدىكى سىستېما ئۆزگەرمىگۈچە چىرىكلىكنى تۈپتىن يوقاتقىلى بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇنى بىر ھېسابتا شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىگە قارشى گۇرۇھتىكىلەرنى تازىلاش ھەرىكىتى دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت