خوتەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن يۋەنخۇا تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلمەكتىكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.04.25

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بايانات بېرىپ، خوتەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن يۋەنخۇانىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، چېن يۋەنخۇا ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى بىلەن ئەيىبلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، چېن يۋەنخۇا شى جىنپىڭنىڭ كومپارتىيە ئىچىدىكى چىرىكلىككە قارشى ئوپېراتسىيەسىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن قارماققا ئىلىنغان يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارى ئىكەن.

چېن يۋەنخۇا ئەسلىدە ھەربىيلىكتىن كەسىپ ئالماشتۇرغان سىچۈەنلىك خىتاي بولۇپ، ئۇ 1980-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان خوتەن تەۋەسىدە يېزىلىق پارتكومنىڭ كاتىپى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقات كادىرى، خوتەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە پارتكومنىڭ باش كاتىپى، تەشۋىقات ۋە تەشكىلات بۆلۈملىرىنىڭ مۇدىرى، لوپ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ھەمدە خوتەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان ئىكەن.

ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن خېلى كۆپ ساندىكى ناھىيە، ۋىلايەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئەمەلدارلار جازالانغانلىقى مەلۇم.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن جازالانغان خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ چىرىكلىك ياكى پارىخورلۇققا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم ئەمەس دېگەن سەۋەب بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.