ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.05.27

ئۇيغۇر رايونىدا يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارى ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 26‏-ماي ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو، تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ يۆپىڭنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ يىل 56 ياشلىق ۋاڭ يۆپىڭ شەنشىلىك خىتاي بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نەشرىياتىنىڭ سېكرېتارى ۋە باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇقتۇرۇشىدا، ۋاڭ يۆپىڭنىڭ ئىنتىزامغا قانداق خىلاپلىق قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىرىپ يېزىلغان ئوچۇق خەتكە باغلىنىشلىق، دەپ قارالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

گۇاڭجۇلۇق خىتاي يازغۇچى يې دۇ جۈمە كۈنى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «بۇ خىل ئېھتىماللىقنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ. ئەمما بۇنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك ئۇچۇر بولماي تۇرۇپ، بىز بۇ ۋەقەنى يەنىلا ھۆكۈمەتنىڭ چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش تەدبىرى، دەپ قاراپ تۇرىمىز» دېدى.

شى جىنپىڭنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىرىپ يېزىلغان ئوچۇق خەت بۇ يىل 3‏-ئايدا ئۈرۈمچىدىكى «ۋۇجيې» ناملىق ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنغان. ئوچۇق خەت زور غۇلغۇلا قوزغاپ، مەزكۇر تور بېتى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار 20 دەك ئادەم تەكشۈرۈلگەن. تور بېتى تاقىۋېتىلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.