زەھەر چېكىش خىتاي ئەمەلدارلىرى ئارىسىغىمۇ كېڭىيىشكە باشلىغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2018-01-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتايدا زەھەر چېكىش قىلمىشلىرى بارغانچە كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ قىلمىش بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرى ئارىسىغىمۇ كېڭىيىشكە باشلىغان.

ئامېرىكىدىن چىقىدىغان «ئۇلۇغ ئېرا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك زەھەر چەكلەش كومىتېتى 2016-يىللىق دوكلاتىدا خىتايدا زەھەر چېكىدىغانلار سانىنىڭ 2016-يىلى 2 مىليون 500 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 6. 8 پىرسەنت ئاشقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا يەنە، پەقەت 2015-يىلىلا خىتايدا 139 مىڭ 24 زەھەرلىك چېكىملىككە ئائىت دېلو بىرتەرەپ قىلىنغان. زەھەرلىك چېكىملىك سەۋەبلىك سوتقا تارتىلغانلار سانى 2014-يىلىدىكىگە قارىغاندا 30. 19 پىرسەنت كۆپەيگەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدا يېقىنقى يىللاردىن بېرى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئارىسىغا خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى قوشۇلۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىغان. 

خەۋەرگە قارىغاندا، خۇنەن ئۆلكىسى ئۆتكەن يىلى نويابىردا بىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ھۆكۈمەت خادىملىرىنى زەھەر چېكىدىغان ۋە ھاراق ئىچىدىغان دوستلىرىدىن يىراق تۇرۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

بۇ ئۇقتۇرۇشتا خۇنەن ئەنشىياڭ ناھىيەسى تەشۋىقات بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رېن جۇڭۋېي مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، رېن جۇڭۋېي زەھەر چېكىش قىلمىشى بىلەن 2017-يىل ئاپرېلدا جازاغا تارتىلغان ئىكەن. 

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خۇنەن ئۆلكىسى لىنشىياڭ شەھىرى باشلىقى گوڭ ۋېيگومۇ زەھەرلىك چېكىملىك سەۋەبىدىن 2017-يىلى ئىيۇلدا 7 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. 

2015-يىلى خېنەننىڭ خېڭياڭ ناھىيىسىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە 61 نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ زەھەر چېكىدىغانلىقى بايقالغان. 

بۇ خىل ئەھۋاللار خىتاينىڭ فۇجىيەن ئۆلكىسىدىمۇ كۆرۈلگەن. 

خەۋەردە فۇجىيەن ئۆلكىسى چاڭتىڭ ناھىيەسى سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شاۋ جىخې دېلوسى بۇلارغا مىسال سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، شاۋ جىخې قانۇنسىز زەھەرلىك چېكىملىك ياساش جىنايىتى بىلەن 2014-يىلى قولغا ئېلىنغان. 

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىسى تاڭ جىڭيۇەن زەھەر چېكىشنىڭ نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيىسى خادىملىرى ئارىسىدا بىر خىل ئىمتىيازنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت