ئاتۇش سوتى بېيجىڭغا 160 قېتىم ئەرز قىلىپ بارغان ئەر-ئايال خىتاي ئەرزدارغا قاماق جازاسى بەرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.08.19

ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي ئەرزدارلارغا قاماق جازاسى بېرىش ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال بولسىمۇ، ئەمما قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئوتتۇرا سوتى بېيجىڭغا 160 قېتىم ئەرز قىلىپ بارغان ئىككى خىتاي كۆچمەن ئەرزدارنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

خىتاي «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئوبلاستلىق سوت ئەرزدار ۋاڭ زېڭيىڭ بىلەن ئايالىنىڭ 160 قېتىم بېيجىڭغا ئەرز قىلىپ بېرىشىنى «پاراكەندىچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىشتەك غەيرىي نورمال ھەرىكەت» دەپ قاراپ، ئېرىنى 3 يىللىق، ئايالىنى 2 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

ئاتۇش شەھەرلىك سوت ۋاڭ زېڭيىڭ بىلەن ئايالىنى 2015‏-يىلى 12‏-ئايدا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان، ئەمما ئەر-ئايال ئىككىيلەن ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئوتتۇرا سوتقا ئەرز قىلغان ئىكەن. ئوبلاستلىق ئوتتۇرا سوت يېقىندا ئۇلارنىڭ ئەرزىنى رەت قىلغان.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ۋاڭ زېڭيىڭ ۋە ئايالى ئىلگىرى بىر باغۋاران داۋاسىدا قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن سوتلىشىپ قېلىپ، قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ 3 مىليون 120 مىڭ سوم تۆلەم بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

سوت 2012‏-يىلى خىتاي ئەر-ئايالنىڭ پايدىسىغا ھۆكۈم چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما شەھەرلىك ھۆكۈمەت تۆلەپ بېرىشنى رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئەر-ئايال كۆچمەن خىتايلار بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز قىلىشقا باشلىغان.

«يەر شارى ۋاتى گېزىتى»نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق سوت ئەرزدار خىتاي ئەر-ئايالنى 2012‏-يىلدىن بېرى 160 قېتىم غەيرىي نورمال ئەرز قىلىپ، تيەنئەنمىن مەيدانى قاتارلىق نازۇك ئورۇنلارنىڭ ئاممىۋى تەرتىپىگە تەسىر قىلغان، دەپ ئەيىبلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.