خىتاي گېنېرال جاڭ ياڭنىڭ ئۆلۈۋېلىشى غۇلغۇلا قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-11-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ يىل ئاۋغۇست ئېيىدىن باشلاپ كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن غايىب بولغان خىتاي گېنېرال جاڭ ياڭنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئۆز ئۆيىدە ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغانلىقى بۈگۈن شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تارقالدى.

«ۋال سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 28-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا گېنېرال جاڭ ياڭ خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇدىرى ئىكەن. ئۇ بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ «ئارمىيەدىكى پارىخورلۇق قىلمىشىنى تازىلاش» شامىلىنى قوزغىغاندا «ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈشكە چاقىرتىپ كېتىلگەن ئىكەن. 

خەلقئارادىكى بەزى ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «شى جىنپىڭنىڭ خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىنى ئۆزىگە مۇتلەق سادىق كىشىلەر بىلەن تولدۇرۇش خاھىشى جاڭ ياڭنىڭ موللاق ئېتىشىغا سەۋەب بولغان» دېگەن. خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كىشىلەر بۇ ھەقتە كۆپلەپ مۇنازىرە قىلىشقان بولۇپ، بەزىلەر ئۇنىڭ قىلمىشىنى «نومۇسسىزلىق» دېگەن بولسا، يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇدىرى تۇرۇقلۇق كىشىلەردىن پارا ئېلىشىنى «ئىككى يۈزلىمىلىك» دەپ تەنقىدلىگەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 66 ياشقا كىرگەن جاڭ ياڭ ھازىرغىچە تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۆلۈۋالغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي خادىم ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت