خىتاي ئارمىيىسىگە قاراشلىق گېزىتلەر نەشردىن توختىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.01.21

خىتاي ئارمىيىسى ئۆزىگە تەۋە 7 ھەربىي رايوندا نەشر قىلىپ تارقىتىلىۋاتقان گېزىتنى توختاتقان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ گېزىتلەرنى توختىتىش شى جىنپىڭنىڭ خىتاي ئارمىيىسىدىن 300 مىڭ ئادەم قىسقارتىش پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

نەشردىن توختىتىلغان گېزىتلەر ئىچىدە 1937-يىلىدىن تارتىپ چىقىۋاتقان «ھەربىيلەر خەۋەر گېزىتى» ۋە شۇنداقلا «خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى كۈندىلىك خەۋەرلىرى» قاتارلىقلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئۆتكەن ھەپتىدىن ئېتىبارەن نەشردىن توختىغان.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىل سېنتەبىر ئېيىدا 300 مىڭ ھەربىي خادىم قىسقارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قارارىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئارمىيە ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى كۈچەيتىشنى ۋە ئارمىيىنىڭ كومپارتىيىگە بولغان سادىقلىقىنىڭ ئاجىزلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.

خىتاي ئارمىيىسى دۇنيادىكى زور كۆلەملىك ئارمىيىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ جەمئىي 2 مىليون 300 مىڭ نەپەر ھەربىي خادىمى مەۋجۇت ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.