خىتاي ئارمىيىسىنىڭ تۇنجى «ھەربىي ۋەتەنپەرۋەرلىك كۆرگەزمە باغچىسى» كورلىدا ئېچىلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2018-07-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «2018-يىللىق خەلقئارا ھەربىي ئويۇنلار» مانېۋىرى ئۆتكۈزۈۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ تۇنجى «ھەربىي ۋەتەنپەرۋەرلىك كۆرگەزمە باغچىسى» كورلىدا رەسمىي ئېچىلغان.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ت ئا س س ئاگېنتلىقىغا بەرگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، كورلىدا ئېچىلغان «ھەربىي ۋەتەنپەرۋەرلىك كۆرگەزمە باغچىسى» دا خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي قورال-ياراغلىرى ۋە ھەربىي ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارى كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن.

ت ئا س س ئاگېنتلىقى تارقاتقان مەزكۇر خەۋەردە كورلىدىكى بۇ ھەربىي كۆرگەزمە باغچىسىنىڭ ئۈستى ئوچۇق مۇزېي تۈسىنى ئالغانلىقى، ئۇنىڭغا خىتاي ئارمىيىسىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە ئون يىل جەريانىدا ئىشلەتكەن 100 دىن ئارتۇق ھەربىي ئۈسكۈنىلىرىنىڭ قويۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

خەۋەردە يەنە كورلىدىكى ھەربىي كۆرگەزمە باغچىسىنى زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ 88A، 96A ۋە 96B تىپلىق ھەر خىل تانكىلارنى، 04A تىپلىق پىيادە ئەسكەرلەر ئۇرۇش ئاپتوموبىللىرى، تۈرلۈك راكېتا قويۇپ بېرىش سىستېمىلىرىنى ۋە 92 تىپلىق برونېۋىك ماشىنىلارنى كۆرەلەيدىغانلىقى، ھەربىي كۆرگەزمىنىڭ يەنە ئېتنوگرافىك ۋە تارىخىي-مەدەنىيەت كۆرۈنۈشلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەنلىكى بايان قىلىنغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، كورلىدىكى مەزكۇر ھەربىي باغچىنى بىرىنچى بولۇپ رۇسىيە ئۆمىكى ۋە خىتاي بىلەن ھەربىي ھەمكارلىق ئورناتقان باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ئۆمەكلىرى زىيارەت قىلغان. 

ئىگىلىنىشىچە، رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي ۋەتەنپەرۋەرلىك باغچىسى 2015-يىلى 6-ئايدا موسكۋادا ئېچىلغان ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ بۇ قېتىم كورلىدا ئۈستى ئوچۇق ھەربىي كۆرگەزمە باغچىسى ئېچىشى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندى ئوكيانغا چىقىش ئىستراتېگىيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت