خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋانۇئاتۇدا ھەربىي بازا قۇرماقچى بولۇشى زور غۇلغۇلا قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-04-10
Share

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوكيانىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ۋانۇئاتۇ تاقىم ئاراللىرى دۆلىتىدە ھەربىي بازا قۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن، ھەرقايسى دۆلەتلەر بۇنىڭغا ئوخشاش بولمىغان ئىنكاس قايتۇردى. بۇنىڭ بىلەن خەلقئارادا خىتاينىڭ تىنچ ئوكياندا زومىگەرلىك قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلەپ مۇھاكىمىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 10-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىتاينىڭ ۋانۇئاتۇدا ھەربىي بازا قۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ۋانۇئاتۇ ھۆكۈمىتى دەرھاللا بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلغان ۋە «بىز خىتايدىن زور مىقداردىكى ھۇل مۇئەسسەسە مەبلىغى ئېلىۋاتقان بولساقمۇ بۇنداق ھەربىي بازا ھەققىدە گەپ بولغىنى يوق» دېگەن.

فىرانسىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە خىتاي ئۆتكەن ئىككى يىلدا ۋانۇئاتۇغا ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن مالىيە ياردىمى بەرگەن ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا قارىتا: «بۇ پۈتۈنلەي ئويدۇرما خەۋەر» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمەتلىرى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بىز ھەرقانداق بىر چەتئەل دۆلىتىنىڭ تىنچ ئوكياننىڭ جەنۇبىدىكى بۇ دائىرىدە ياكى بىزگە قوشنا بولغان جايلاردا ھەربىي بازا قۇرۇشىغا قارشى تۇرىمىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ چەتئەلدىكى تۇنجى ھەربىي بازىسى 2017-يىلى ئافرىقا تۇمشۇقىدىكى جىبۇتىدا ئېچىلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل بۇنىڭ ھەربىي بازا ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ پەقەت ئارقا سەپ مۇئەسسەسىسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلدىن بۇيان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ۋە ئۇنىڭغا يېقىن جايلاردا جىددىي ھەربىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى داۋام ئەتتۈرۈۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال ئىزچىل قوشنا دۆلەتلەرنىڭ يېقىندىن كۆزىتىشىدە بولۇپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.