خىتاينىڭ 400 نەپەر ھەربىي قوماندانى كورلادا ئۇچراشقان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.05.23

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ قەرەللىك ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي مەشىقى تۈنۈگۈن كورلادا باشلانغان.

4 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ مەشىقتە ئىلگىرىكىلىرىدىن پەرقلىق ھالدا 400 ھەربىي قوماندان بۇ مەيداندا ئۇچراشقان. قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى خەن ۋېيگو بىلەن سىياسىي كومىسسارى ليۇ ۋېيمۇ بۇ ئۇچرىشىشتىن ئورۇن ئالغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئالاقىدار ھەربىي خادىملار، بۇ قېتىمقى مەشىق ۋە ئۇچرىشىشنىڭ مەقسىتىنى قوشۇننىڭ نەق مەيداندا ئۇرۇش قىلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشلا بولۇپ قالماستىن يەنە زېھنىيەت ئالماشتۇرۇش؛ يۇقىرى بىلەن تۆۋەن ئارىسىدا بۇيرۇق ۋە ئىدىيە ئالماشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما نېمە ئۈچۈن نەق مەيداندا ئۇرۇش قىلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كورلانىڭ تاللانغانلىقى، قانداق زېھنىيەت ئەمەلدىن قالىدىغانلىقى ئىزاھلانمىغان.

«جەنۇبىي خىتاي پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مەزكۇر ھەربىي مەشىق ۋە مۇھاكىمىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى سۈپىتىدە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. مەلۇماتتا، ئۇيغۇر رايونىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىش ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنى سۆيۈشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى، ۋە لاگېرنىڭ ئىچىدىكى ۋەزىيەتتىن خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدە دۇنياغا ئېلان قىلغان مۇراجىئەتنامىسىدە، ئۆزىنىڭ «بۇ لاگېرلاردا ۋە رايوندا يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولغان پاجىئەلىك ۋەقەلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 1989-يىلى تيەنئەنمېندا ئۆز ئەۋلادلىرىنى تانكىغا باستۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ۋەھشىيلىكىنى ئىسپاتلاپ بولغانلىقى» نى ئەسكەرتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.