خىتاي ئارمىيەسى كورلادا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-05-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرى 23‏-ماي كۈنى كورلادا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن.

خىتاي «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ تارقاتقان رەسىملىك خەۋىرىدە، مانېۋىردا تىك ئۇچار ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئىشقا سېلىنغانلىقى، ھەربىي تىك ئۇچارلارنىڭ ئۇرۇش مەيدانىغا ئەسكەر تاشلىغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنى بەرگەن. لېكىن، مانېۋىرنىڭ كونكرېت قايسى ئورۇندا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، قانچىلىك ئەسكەر قاتناشقانلىقى ۋە مانېۋىرنىڭ كىمگە قارشى ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق خەۋەر بەرمىگەن.


مەزكۇر مانېۋىر باشلىنىشتىن بىرقانچە كۈن ئاۋۋال «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى» خەۋەر تارقىتىپ، خىتاي قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ 400 نەپەر ھەربىي ئوفىتسېرىنىڭ كورلادا ئۇچراشقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش مەشىقى ۋە مۇھاكىمىسى ئېلىپ بارىدىغانلىقى، ئۇچرىشىشقا يەنە خىتاي قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى ليۇ ۋېيگو، سىياسىي كومىسسارى ليۇ ۋېينىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر گېزىتنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يەنە مەزكۇر ھەربىي مەشىق ۋە مۇھاكىمىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى تەھلىل قىلىنىپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن.

خەۋەردە، ئۇيغۇر رايونىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقى، بۇ لاگېرلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە، خىتاي كومپارتىيەسىنى سۆيۈشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى، بۇ لاگېرلارنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدە، مانېۋىرنىڭ كورلادىكى مەلۇم بىر ھەربىي مەشىق بازىسىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى، مانېۋىردا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش، ئىستىخبارات رازۋېدكىسى ئېلىپ بېرىش، ئېلېكترونلۇق قارشى قويۇش، ھاۋادىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش، يىراقتىن توپقا تۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كۈچى سىناق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت