خىتاي ئارمىيىسى ئۇيغۇر ئېلىدە مانېۋىر ئۆتكۈزدى
2013.11.21
خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ «شىنجاڭ ھەربىي رايونى» غا قاراشلىق قىسىملىرى ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئارمىيە بىرلەشمە مانېۋىرىنى ئېلىپ بارغان.
خىتاي «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، مانېۋىر ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمى، توپچى قىسىم، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئاۋىئاتسىيە ئەترىتى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئالاقە، ئالاھىدە ئىستىخبارات ۋە ئېلېكترونلۇق رازۋېدكا قاتارلىق قىسىملارنىڭ قاتنىشىشىدا ئۆتكۈزۈلگەن. لېكىن «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، مانېۋىرنىڭ قاچان، قەيەردە ئېلىپ بېرىلغانلىقى، كىمنى نىشان قىلغانلىقى ۋە قانچىلىك ئەسكەر قاتناشقانلىقى قاتارلىق تەپسىلىي ئەھۋاللار تىلغا ئېلىنمىغان.
ھالبۇكى، مەزكۇر مانېۋىرنىڭ يېقىندا 3 ئۇيغۇر تيەنئەنمېن مەيدانىغا ھۇجۇم قىلىپ، دۇنيانى زىل-زىلىغا سالغان، 4 كۈن ئاۋۋال 9 ئۇيغۇر مارالبېشى سېرىقبۇيا ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ، 3 ياردەمچى ساقچىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن پەيتكە توغرا كېلىشى دىققەت قوزغىدى.
28-ئۆكتەبىر، تيەنئەنمېن ھۇجۇمىدىن كېيىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، جۇڭگو ئارمىيىسى زۆرۈر تېپىلسا ھۆكۈمەتنىڭ كۆرسەتمىسى، مۇداپىئە قانۇنى ۋە جىددىي ھالەت قانۇنىغا ئاساسەن تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ، دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمېن ھۇجۇمىدىن كېيىن يەنە، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى پېڭ يوڭنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان. بۇنىڭ تيەنئەنمېن ھۇجۇمى بىلەن قانداق ئالاقىسى بارلىقى مەجھۇل بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ دەل بۇ مەزگىلدە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى دىققەت قوزغىغان.