خىتاينىڭ بۇ يىللىق ھەربىي خامچوتى تۆۋەنلەپ 7.6% كە چۈشكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-03-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ بۇ يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنىڭ تاكى ئۆتكەن يىلىغىچە داۋاملاشقان ئىككى رەقەملىك ئۆسۈش ھالىتىدىن بىردىنلا بىر رەقەملىك ھالىتىگە چۈشكەنلىكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقى «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا خىتاينىڭ 2017-يىللىق ھەربىي خامچوتىنىڭ 1 تىرىليون 44 مىليارد سوم، يەنى 151 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى يەكشەنبە كۈنى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا بەرگەن دوكلاتىدا بۇ يىللىق ھەربىي خامچوتى ھەققىدە يۇقىرىقى رەقەمنى تىلغا ئالمىغان.

خىتاينىڭ يىللارچە داۋاملاشقان ھەربىي خامچوتىدىكى ئىككى رەقەملىك ئۆسۈش نىسبىتىنىڭ بۇ يىل تۇيۇقسىز بىر رەقەمگە چۈشۈپ قېلىشى دىققەت قوزغىغان. بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ بۇ ھەقتىكى بىر دوكلاتىدا، ئۆتكەن يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلىيلەشتۈرگەن ھەربىي سېلىنمىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇلار سىرتقا ئېلان قىلغان رەقەمدىن نەچچە ئون مىليارد دوللار ئارتۇق ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىنىڭ بۇ يىللىق ھەربىي خامچوتىنىڭ 10 پىرسەنت ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار مەنبەلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي خامچوتنى ئاشۇرۇشى ئاساسلىقى ئىسلام دۆلىتى كۈچلىرى بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىكىنى چەكلەش ئۈچۈن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ يىللىق ھەربىي خامچوتى 600 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق بولۇپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى يەنىلا پۈتۈن يەر شارىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ۋە ھەربىي سېلىنمىسى ئەڭ كۆپ ئارمىيە ھالىتىنى ساقلىماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت