خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىنقى 4 يىل يىل ئىچىدە 5 مىليوندەك دېھقان-چارۋىچىنى كۆچۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.10.02

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىنقى 4 يىل ئىچىدە 5 مىليونغا يېقىن دېھقان-چارۋىچىنى يۆتكەپ، «بىخەتەر ئۆيلەر» گە كۆچۈرگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2-ئۆكتەبىر تارقاتقان خەۋىرىدە، بۇنىڭ 1 مىليون 118 مىڭ 770 ئائىلە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ «13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە ئىجرا قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋەردە ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئاھالىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى 2016-، 2017-ۋە 2018-يىللىرىدا كۆچۈرۈلگەن. بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا چوڭ تۇتقۇننى باشلاپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىغان مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەرلىك دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ «تاغلىق ۋە چۆللۈك ئىچىدە ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات ياشاپ كەلگەن يەر تەۋرەشكە چىدامسىز توپا ئۆيلەرنى تېرىك ئېتىپ، بېتون قۇرۇلمىلىق يېڭى ئۆيلەرگە كۆچكەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ياشاش ئۇسۇلى، مەھەللە مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول ئاستىغا ئالغانلىقى، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۇيغۇر «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىشىچە، دېھقان-چارۋىچىلارنى يۆتكەش قۇرۇلۇشى «يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىك نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسلىق تەدبىرى» ئىكەن. بۇ مەزگىل ئىچىدە كۆچۈرۈلگەن دېھقان-چارۋىچى ئائىلىلىرىنىڭ يېرىمىنى جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستىكىلەر ئىگىلىگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە تەكتىلىشىچە، يۇقىرىقى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىن 580 مىڭ 490 ئائىلە دېھقان-چارۋىچى كۆچۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.