خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئۆي بېزەش ئەنئەنىلىرىنى ئۆزگەرتىشكە 4 مىليارد يۈەن خەجلىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-10-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئەنئەنىۋى تۇرمۇش مۇھىتى، مىللىي پاسوندىكى ئۆي ياساش، بېزەكچىلىك ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆيلەرنى خىتاي پاسونىدا ياساش، ئۆي ئىچىنى خىتاي پاسونىدا بېزەشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2018‏-يىلىنىڭ ئۆزىدە دېھقانلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرگە كۆچۈپ، «ئانئەنىۋىي ئۆي تۇتۇش ئادەتلىرى» نى تاشلىشى، سۇپىلىق ئۆيلەرنى چۇۋۇپ، كارۋات، سافالاردا ياشاشتەك «زامانىۋىي تۇرمۇش ئادەتلىرى» گە كۆچۈشىگە 4 مىليارد 196 مىليون يۈەن سەرپ قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، 2 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىللىي پاسوندىكى قۇرۇلۇشلارنى، مىللىي پاسونىدا بېزەلگەن ئۆيلەرنى «رادىكاللىقنىڭ ئىپادىسى» دېگەن سەۋەب بىلەن چېقىشقا باشلىغانىدى. كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ۋە كۈندىلىك ھاياتىدىكى مىللىي خاسلىقنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يورۇتۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 21‏-ئۆكتەبىر تارتقاتقان بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاناركۆل يېزىسىگە قاراشلىق چۈشۈرگە كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلۇپ، ھازىر بۇ كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ بۇرۇنقى ئەنئەنىۋىي ھويلا-ئارام قىياپىتى ۋە ئۆي بېزەش ئادەتلىرىدە پۈتۈنلەي ئۆزگىرىش بولغانلىقى، دېھقانلارنىڭ سۇپىلىق ئۆيلەرنى بۇزۇپ، بۇرۇنقى ئۆي ياساش ئادەتلىرىنى، كىگىز سېلىنغان يەردە يېتىشتەك «ساغلام بولمىغان» تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنى تاشلىغانلىقى، كىگىزنىڭ ئورنىنى سوفا ۋە كارۋات ئىگىللىگەنلىكى، دېھقانلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيدە ئولتۇرالماسلىق، قىشنىڭ كۈنى ئىسسىنالماسلىقتەك ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلىپ، دېھقانلارنىڭ «شەھەرلىكتەك» ياشاۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلىشىچە، «بۇ يولدا ئېلىنغان مىسلىسىز تەدبىرلەر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا-كەنتلەرنىڭ ئولتۇراق مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆزگەرتىپ، تارىمدىكى يېزا-كەنتلەر يېڭى قىياپەتكە كىرگەن. بۇ يەردىكى دېھقان-چارۋىچىلار زامانىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىغا تەدرىجىي كۆنۈشكە باشلىماقتا» ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت