ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئىفتارلىق پائالىيىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى


2018-06-05
Share

4-ئىيۇن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئاياللاردىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا كىشىلەر، بۇ جايدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئىپتار پروگراممىسى ئۇيۇشتۇرغانلىقىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ كەڭ تارقىتىلدى.

ئىستانبۇلدىكى بەشىكتاش يېنىدا قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار بىلەن توپلانغان ئۇيغۇرلار، «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا روزا تۇتۇشنى چەكلەۋاتىدۇ تۈركىيەدە ئىپتار بېرىۋاتىدۇ»، دېگەن چوڭ خەتلەر يېزىلغان ۋىۋىسكىلارنى كۆتۈرۈپ خىتايغا قارشى شوئارلار توۋلاشتى.
ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، بۇ نارازىلىق پائالىيىتىنى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار، جامائەت ۋەكىللىرى قاتارلىقلار ئۇيۇشتۇرغان.

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، زور ساندىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە ئاتالمىش «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دەپ ئاتالغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغان، ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان ئۆتكۈزۈشى ۋە باشقا ئەركىن دىنىي پائالىيەتلىرى چەكلەنگەن ئەھۋال ئاستىدا تۈركىيەدىكى خىتاي دىپلوماتىيە ئورگانلىرىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ ئىفتارلىق پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇشى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە بىر قىسىم تۈركلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

نامايىش جەريانىدا بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىنىڭ چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئەيىبلىگەن ۋە ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ بۇ خىل ئىپتارلىق پائالىيىتىنى «كۆز بويامچىلىق» دېيىشكەن. نامايىشچىلار شۇ كۈنى ئەرزان ئوقۇلۇشى بىلەن تەڭ نامايىش قىلىۋاتقان دېڭىز بويىدىكى نەق مەيداندا ئولتۇرۇپ ئىپتار قىلىشقان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت