خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا رەسمىي رۇخسەت قىلدى


خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا رۇخسەت قىلىشقا ئائىت ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭى پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىنى 27 دېكابىر كۈنى رەسمىي تەستىقتىن ئۆتكۈزدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن 2016 - يىلى، 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ئېتىبارەن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بۇ قانۇن بويىچە ئاتا - ئانىلارنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدىكەن،

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي مەنبەلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، خىتاي بۇ يىل 10 - ئايدا بىر قانچە ئون يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر پەرزەنتلىك سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئەر - ئاياللارنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشىغا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

خىتايدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا بەلگىلىك رول ئوينىغانلىقى شەرھىلەنسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ يەنە نوپۇس تەڭپۇڭسىزلىقى، ئەر - ئاياللار نىسبىتىدىكى پەرقلەر ۋە باشقا تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە بەزى جايلاردا ئەھۋالغا قاراپ، قىسمەن يول قويۇش يۈرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما يېڭىدىن قانۇن چىقىرىلىپ، ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا يول قويۇش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغان ئىكەن.

ئەمما، يەنىلا ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە بىر پەرزەنتلىك ئاتا - ئانىلارنى تەقدىرلەش چارىسى يولغا قويۇلغان بولۇپ، دۆلەت بىر پەرزەنتلىك ئاتا - ئانىلارغا مەخسۇس «شەرەپ گۇۋاھنامىسى» تارقىتىپ بېرىدىكەن.