خىتايدا ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلار سانىنىڭ 650 مىليونغا يەتكەنلىكى مەلۇم

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-01-26
Share

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەر سانىنىڭ 650 مىليونغا يەتكەنلىكى مەلۇم.

مەزكۇر سانلىق مەلۇمات ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ ئاشكارا قىلغان ستاتىستىكىغا ئاساسلانغان بولۇپ، بۇ ھال خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچى ئەڭ كۆپ ئاھالىگە ئىگە دۆلەت بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

جۇڭگو ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇر مەركىزى شىنخۋا ئاگېنتلىقى ئارقىلىق تارقاتقان بۇ مەلۇماتتا، 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەر سانىنىڭ 648 مىليونغا يەتكەنلىكىنى، 2015-يىلى كىرىپ بىر ئاي ئۆتمەستىنلا بۇ ساننىڭ 650 مىليوندىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شۇنداق بولۇشىغا قارىماي خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ يەنىلا دۇنيادىكى ئىنتېرنېت چەكلىمىسى بىلەن ئەركىن پىكىرلەرنى كونترول قىلىش سىستېمىسى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ھالبۇكى، بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر ۋە مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچىلار خىتايدىكى ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلار سانىنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىشى خىتاينىڭ ئىدېئولوگىيە ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكى جەھەتتىكى توسۇقلىرىغا كۈچلۈك خىرىس ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت