خىتايدىكى چوڭ ئىنتېرنېت شىركەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خەلقى ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلىشىغا ياردەم قىلىدىكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017-12-02
Share

«ۋال سترېت ژۇرنىلى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى چوڭ ئىنتېرنېت شىركەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خەلقى ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلىشىغا ياردەم قىلىدىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالىبابا، تەنسېنت، ۋە بەيدۇ شىركەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلغان ئالدىنقى ئورۇندىكى شىركەتلەر ئىكەن. 

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئالىبابا شىركىتىنىڭ خاڭجۇ شەھىرىدىكى چوڭ قورۇسىنىڭ ئىچىگىلا بىر ساقچىخانا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، شىركەت خادىملىرى گۇمانلىق جىنايى قىلمىشلارنى ساقچىغا ۋاقتى-ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ تۇرىدىكەن. 

ئۇنىدىن باشقا ساقچى دائىرىلىرى ئالىبابا شىركىتىدىن ئۆزلىرى تەكشۈرۈۋاتقان شەخس ۋە شىركەتلەرگە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى شىركەتنىڭ سودا، پۇل مۇئامىلە مەلۇمات ئامبىرىدىن ئاختۇرۇپ ئالىدىكەن. ئۇلارنىڭ تېخنولوگىيىسى خىتاي ھۆكۈمىتى شەھەرلەرنى تورلاشتۇرغان كۆزىتىش سىستېمىلىرى ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدىكەن.

خەۋەردە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: «ئوخشىمايدىغان يېرى، ئامېرىكا شىركەتلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئابۇنىتلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى بېرىش تەلىپىگە دائىم قارشى چىقىدۇ. ھالبۇكى، خىتاي شىركەتلىرى ھۆكۈمەت بىلەن بۇ جەھەتتە ھەمكارلاشقانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا داۋراڭ قىلىشىدۇ.»

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، تەنسېنت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ما خاۋتېڭ ۋە ئالىبابا شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جەك ما قاتارلىقلار خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە ساقچى ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن.

خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى-ئۈندىدار تەنسېنت شىركىتىگە تەۋە. 

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جىيا ئۈندىدارغا چاپلىغان ئۇچۇرلىرى سەۋەبلىك ساقچىلارنىڭ ئاۋارىچىلىكىگە كۆپ قېتىم ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە: «ئۈندىدار پۈتۈنلەي سېتىلىپ كەتتى» دېگەن.

ئىلگىرىكى بەزى مەلۇماتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدە كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۈندىدار ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىغا چاپلىغان، كۆرگەن ماقالە، رەسىم ۋە فىلىملار سەۋەبلىك كېسىلىپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت