20 دەك دۆلەتتىكى 40-50 تەك پارلامېنت ئەزاسى خىتاينىڭ ئىنتېرپول ئىجرائىيە كومىتېتىدىكى نامزاتىغا قارشى چىققان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.11.15

20 دەك دۆلەتتىكى 40-50 تەك پارلامېنت ئەزاسى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى-ئىنتېرپولغا خەت يېزىپ، خىتاينىڭ ئىنتېرپول ئىجرائىيە كومىتېتىدىكى نامزاتى خۇ بىنچېنغا قارشى چىققان. ئۇلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئەگەر خۇ بىنچېن ئىنتېرپولنىڭ 23-نويابىردىن 25-نويابىرغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 89-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ئىنتېرپولنىڭ 13 كىشىلىك ئ‍ىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانسا، بۇ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار، خوڭكوڭلۇقلار، تىبەتلەر، تەيۋەنلىكلەر ۋە خىتاي پائالىيەتچىلىرىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىكەن.

بۇ خەتكە ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، فرانسىيە، بېلگىيە، ئەنگىلىيە، چېخىيە، ھىندىستان قاتارلىق 20 دەك دۆلەتتىكى 47 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ئىمزا قويغان. ئۇنىڭدا: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئىنتېرتپولنىڭ قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقىنى كۆپ قېتىم سۈيىئىستېمال قىلىپ، سۈرگۈندىكى ئۆكتىچىلەرگە زىيانكەشلىك قىلدى. يېقىندا ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئىدرىس ھەسەن ماراكەشتە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى يوللىغان، بىراق كېيىنرەك بىكار قىلىنغان قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى بىلەن قولغا ئېلىنغان. نۆۋەتتە ئۇ يەنىلا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قايتۇرۇلۇشى، ناۋادا قايتۇرۇلسا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىش ۋە قىيىن-قىستاققا ئۇچرۇشى مۇمكىن،» دېيىلگەن.

بۇ خەتتە يەنە د ئۇ ق رەھبىرى دولقۇن ئەيسانىڭمۇ خىتاي چىقارغان قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى بىلەن ئىتالىيە پارلامېنتىغا كىرىشتە قولغا ئېلىنغانلىقى، بۇ قىزىل تاشلىق بۇيرۇقنىڭ 20 يىلغا يېقىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقى تەكىتلەنگەن. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، «ئ‍ەگەر خۇ بىنچېن ئىجرائىيە كومىتېتىغا سايلانسا، ئىنتېرپول ئومۇمىي قۇرۇلتىيى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرپولنى داۋاملىق سۈيىئىستېمال قىلىشىغا يېشىل چىراق يېقىپ، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، تەيۋەن ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرىنى تېخىمۇ چوڭ خەۋپكە قويۇدىكەن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.