خىتاينىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى 2 يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.12.31

ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى ۋە خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ئىقتىسادى ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى قاتارلىق ئاممىللارنىڭ تەسىرىدە خىتاينىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى 2 يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىگەن. خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتېستىكا ئىدارىسى دۈشەنبە كۈنى خىتاي ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ ئۆتكەن بىر ئايلىق سېتىۋېلىش كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلغان. رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە نەقىل كەلتۈرىلىشىچە، خىتاي ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ 12‏-ئاي ئىچىدىكى سېتىۋېلىش كۆرسەتكۈچى 4. 49 پىرسەنتكە تۆۋەنلەپ، ئۆتكەن ئايدىكىدىن 6. 0 پىرسەنت ئازايغان. خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتېستىكا ئىدارىسىنىڭ ئالى دەرىجىلىك ئىستاتېستىكىچىسى جاۋ چىڭچې بۇنىڭدا «خەلقئارا سودىدىكى ئىختىلاپنىڭ كۈچىيىشى، يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ رولى بار» لىقىنى بىلدۈرگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 31‏-دېكابىر خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچىنىڭ بۇ ھالى ئۇ دۇچ كېلىدىغان ئىقتىسادىي بېسىمنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

50 % ئىشلەپچىرىش ساھەسىنىڭ سېتىۋېلىش كۆرسەتكۈچىدىكى ھالقىلىق سىزىق بولۇپ، ئەگەر بىر دۆلەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ سېتىۋېلىش كۆرسەتكۈچى 50% تىن ئارتسا، بۇ ئۇنىڭ ئىقتىسادى كېڭىيىدىغانلىقىنى، 50 % دىن تۆۋەنلىسە ئۇنىڭ ئىقتىسادى كىچىكلەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

خىتاي ئىقتىسادىدىكى بۇ ئەھۋال ئامېرىكا بىلەن خىتاي سودا ئۇرۇشىنى 90 كۈن توختاتقان مەزگىلدە بارلىققا كەلدى. پرېزىدېنت ترامپ بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئارگېنتىنادا ئۇچراشقاندا سودا ئۇرۇشىنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى قارار قىلغان. خىتاي تەرەپ «ئۇرۇش توختىتىلغان» 90 كۈن ئىچىدە ئامېرىكا تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان بەزى تەلەپلەرنى ھەل قىلىشقا ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئىككى كۈن ئاۋۋال پرېزىدېنت ترامپ بىلەن شى جىنپىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەن. كۆرۈشۈشتىن كېيىن پرېزىدېنت ترامپ تۋېتېردا سۆز قالدۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئىختىلاپلارنى تېز ئارىدا ھەل قىلىشىنى كۈتىدىغانلىقى، ئىككى تەرەپنىڭ بەزى ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل بولۇشى گۇمانلىق ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.