خىتاي ئىقتىسادىنىڭ قاتتىق ھالسىراۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-06-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ 22-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك چېكىنىشكە يۈزلەنگەن. خەۋەردە بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب قاتارىدا يېقىنقى مەزگىلدىكى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ تەسىرى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قۇراشتۇرۇش ئەمگىكى، كاپىتالنىڭ چىقىم قىلىنىشى ۋە پارچە سېتىش ساھەسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قالغان. بۇ ھال بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدىكىدىن كىچىككىنىلا پەرق قىلىدىكەن. ھەممىدىن ئېغىر بولۇۋاتقىنى پارچە سېتىش ساھەسى بولۇپ، بۇ ساھەنىڭ پايدا ئېلىش نىسبىتى غايەت زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن. بولۇپمۇ قۇراشتۇرۇش ساھەسى ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ سېتىش ھالقىسىدىكى بىر ئىزدا توختاپ قېلىش سەۋەبىدىن ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە ئېغىر قىيىنچىلىقلار كۆرۈلمەكتىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈشىدە دۇنياۋى ئېھتىياجنىڭ ئېشىپ بېرىشى مۇھىم ھالقا بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ جەھەتتە ئېغىر چېكىنىش مەۋجۇت ئىكەن. شۇ سەۋەبتىنمۇ خىتاي ئىقتىسادى ئومۇمى جەھەتتىن ئالغاندا بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىگە قارىغاندا يەتتە پىرسەنتكە يېقىن چېكىنگەن بولۇپ، بۇ ساننىڭ داۋاملىق ئېشىپ بارىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت