11 - ئايدا خىتاي ئىقتىسادىي ئىگىلىكىدىكى ئۆسۈش نىسبىتى 4 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-12-13
Share


خىتايدىن مال زاكاز قىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ خىتايدا زاۋۇتلارنىڭ تارقىلىشى ئۆتكۈرلەشكەن، نەتىجىدە 11 - ئايدا خىتاي ئىقتىسادىي ئىگىلىكىدىكى ئۆسۈش نىسبىتى 4 - ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن.

«بلۇمبېرگ» تورى تارقاتقان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، خىتاينىڭ بۇ يىل 11 - ئايدىكى دۆلەتلىك ئومۇمىي ئىشلەپ چىقىرىشى قىممىتى 6.78 پىرسەنت ئەتراپىدا بولۇپ، ئۆكتەبىردىكى 6.91 پىرسەنتلىك ئۆسۈش نىسبىتىدىن0.13 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن.

مۇلاھىزىلەرگە قارىغاندا، بۇ خىتاي مەركىزى بانكىسىغا كېلىدىغان بېسىمنى ئاشۇرغان بولۇپ، ئۇلار خىتاي ئىچىدىكى پۇل - مۇئامىلە ئېقىمىنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن بازارغا كۆپ مىقداردا پۇل سېلىشقا مەجبۇر بولىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت