خىتاي - ئىران ئاياللار مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.09.24


ئىگىلىنىشىچە، 3 - نۆۋەتلىك خىتاي - ئىران ئاياللار مۇھاكىمە يىغىنى 22 - سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنى خىتاي بىلەن ئىران ئاياللىرىنىڭ ئۆز - ئارا ھەمكارلىقى ۋە دوستانە ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ھەمدە ئىككى دۆلەت ئاياللىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى يوقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ چاقىرىلغان ئىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرىتارى خۇ خەنمىن خىتاي ئاياللىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاياللارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان. ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاياللار ۋە ئائىلە ئىشلىرى مىنىستىرى ھىجازى ئىران ئاياللىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىدا يەنە ئاياللار ۋە ئىقتىساد، ئاياللار ۋە مائارىپ، ئاياللار ھوقۇقى قاتارلىق تېمىلاردا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغانلىقى مەلۇم.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە ئالاقىلەر كۈچەيگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئالاقىلەردە كۆۋرۈك قىلىنماقتىكەن.

بۇ يىل ياز ئىران پايتەختى تېھراندا «شىنجاڭ مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى ئىراندا بىرقانچە مەيدا ئويۇن كۆرسەتكەن. مۇستەقىل تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى شىئە مەزھىپىگە مەنسۇپ تالىپلارنى ئىرانغا ئەۋەتىپ تەربىيەلەۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ قېتىملىق خىتاي - ئىران ئاياللار مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىشى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنى كۆۋرۈك قىلغان بىر قاتار سىرلىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىر كۆرىنىشىدۇر، دەپ ھېسابلىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.