خىتاي ئىشسىزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مائارىپ ساھەسىگە «ياردەم» گە چاقىرتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.09.20

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي تىلىنى ئاساس قىلىشتەك يەك تىللىق مائارىپ ئەندىزىسىدە كۆرۈلگەن يېڭى يۈزلىنىشلەر ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى.

«ئاقسۇ ئاخبارات تورى» نىڭ 20-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىغا يېڭىدىن خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغانلاردىن 7 مىڭ خادىم تەكلىماكان بويىغا جايلاشقان «ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست» تەۋەلىكىدىكى مائارىپ خىزمىتىگە «قوش تىل» ئوقۇتۇشى بويىچە ياردەمگە ئەۋەتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بولسا «بۇ يىل كۈزدىن باشلاپ ھۆكۈمەت ھەر يىلى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا 5 مىڭ كىشىنى يەسلىلەردە قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى بولۇشقا ئەۋەتىدۇ»، دېيىلىدۇ. 

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خىتايلار ناھايىتى يۇقىرى مائاش بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا مەمۇرىي خادىم ياكى ئوقۇتقۇچى بولۇشقا چاقىرىلغان ئىدى. ھالبۇكى كۆزەتكۈچىلەر، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن مىڭلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشسىز يۈرۈشى رايوندىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.