«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى» ناملىق ماقالە دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-08-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

14-ئاۋغۇست كۈنى، «ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە بىر پارچە مۇلاھىزە ئېلان قىلدى.

ماقالىدە ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا نىڭشيادىكى بىر مەسچىتنى چاقماقچى بولغانلىقى، ئەمما شۇ يەرلىك تۇڭگانلارنىڭ بۇنىڭغا قارشى نامايىش قىلىپ قارشى تۇرۇشى نەتىجىسىدە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارىنى توختىتىپ قويغانلىقى بايان قىلىنغان. ئەمما مۇلاھىزىدە بۇنىڭ دائىملىق بىر ۋەقە ئەمەسلىكى ئەسكەرتىلىپ، «خىتايدىكى باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ نامايىشى بۇنداق ياخشى نەتىجە بىلەن ئاياغلاشمايدۇ،» دېيىلگەن.

ماقالىدە خىتايدا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تۇڭگان قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان جەمئىي 23 مىليون مۇسۇلمان نوپۇسى بارلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى نىڭشيادىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا كەڭچىلىك قىلسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلچە كەڭچىلىك قىلمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تۇڭگانلارغا بېرىلگەنچىلىك دىنى ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولالمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە قاتتىق تەقىبگە ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشقا ئۇچرايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

«ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى» مۇلاھىزىسىدە «خىتاي نېمىشقا ئۇيغۇرلارغا ئىشەنمەيدۇ» دەپ سوئال قويۇپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىن خىتايدىن ئۇزاق، ئەمما ئوتتۇرا ئاسىياغا يېقىن بولۇشى، ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىككى قېتىم مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرغان تارىخىنىڭ بولغانلىقىدا دەپ چۈشەندۈرگەن.

مۇلاھىزىدە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جايلاشقان ئورۇننىڭ خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى پىلانلىغاندىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم ۋە تەقىبنى زور دەرىجىدە كۈچەيتكەنلىكىنى، ئۇلارغا قارىتا د ن ئا ئۇچۇرىنى يىغىش، يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت ۋە ھەتتا «يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرىنى يولغا قويغانلىقى بايان قىلىنغان.

بۈگۈن يەنە «سودا چەمبىرىكى» گېزىتىنىڭ ئاۋسترالىيە نەشرىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكىنىڭ بارلىق ئاماللىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا دائىر مۇكەممەل بىر ئۇچۇر ئامبىرى تۇرغۇزۇۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ ئىشلىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت