خىتاينىڭ ئىت گۆشى فېستىۋالى دۇنيا خاراكتېرلىك قارشىلىققا ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-06-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


گۇاڭشىنىڭ يۈلىن شەھىرىدە 22 - ئىيۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىت گۆشى فېستىۋالى دۇنيا خاراكتېرلىك قارشىلىققا ئۇچرىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ يىللىق ئاتالمىش بايرامدا 10 مىڭ ئىت ئۆلتۈرۈلۈپ يېيىلىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى باشقىلاردىن ئوغرىلانغان ئىتلار ئىكەن.

بۇ بايرام 8 يىل ئىلگىرى يولغا قويۇلغان. ئەممە ھەر يىلى بايرامغا قارىتا خەلقئارالىق قارشىلىق ئۆكسۈمىگەن.

بۇ يىللىق بايرامنى توختىتىشقا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھايۋاناتلارغا ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىش تەشكىللاتلىرى تۋىتتېردا ئۇچۇر يوللاش ۋاسىتىسى بىلەن ئاۋاز قوشتى.

ئامېرىكىدىكى «دۇدۇ ھايۋانات پاراۋانلىقى جەمئىيىتى» توردا ئېلان قىلغان چاقىرىققا ئاۋاز قوشقۇچىلار شەنبە كۈنى 1 مىليون 58 مىڭغا يەتتى.

ئۇلار توردا ئېلان قىلغان ئوچۇق خېتىنى خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى ۋە ج خ مىنىستىرلىكى قاتارلىق ئورگانلىرىغا قوشۇپ يوللىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت