خىتايدىكى «ئىت گۆشى يېيىش بايرىمى» خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە دۇچ كەلگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-06-22
Share


تومۇز ياز مەزگىلىدە خىتاينىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى يۈلىن ناھىيەسىدە «ئىت گۆشى يېيىش بايرىمى» نىڭ تەنتەنە قىلىنىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ جەنۇبىي ئۆلكىلىرىدە ھەر يىلى تومۇز ياز مەزگىلىدە «ئىت گۆشى يېيىش بايرىمى» ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بايرام مەزگىلىدە خىتاي رېستورانلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىت، مۈشۈك قاتارلىق ئىنسانلار بىلەن ئەڭ يېقىن تۇرىدىغان ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ گۆشىدىن تۈرلۈك تائاملار ھازىرلايدىكەن.

خەلقئارادىكى ھايۋانلار ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتلىرى شۇنىڭدەك مۇتلەق كۆپ ساندىكى خەلقئارا جامائەتچىلىك خىتايدىكى بۇ خىل ئادەتتىن تاشقىرى يېمەكلىك ئادىتىدىن قاتتىق بىئاراملىق ھېس قىلغان. چۈنكى خىتاي قاتارلىق ئىنتايىن ئاز ساندىكى دۆلەتلەردىن باشقا دۇنيادا ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئىت، مۈشۈك قاتارلىق ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈش ياكى يېيىش «غەيرىي - ئىنسانىي قىلىق» دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.

خىتاينىڭ گۋاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى يېزا - سەھرالاردا بۇ يىللىق «ئىت گۆشى يېيىش بايرىمى» دا ئاز دېگەندە مىڭدىن ئارتۇق ئىتنىڭ سويۇلغانلىقى مەلۇم.

يۈلىن ناھىيەسىدىكى رېستوران خوجايىنلىرى بۇ ھەقتە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئىت گۆشى يېيىش بىزدىكى بىر يەرلىك ئەنئەنە. ئۇنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىسى يوق.»

خىتايدىكى ياڭ فامىلىلىك بىر ئىت قوغدىغۇچى ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى يۇرتى تىيەنجىندىن جەنۇبتىكى يۈلىن ناھىيەسىگە بېرىپ 7 مىڭ سوم پۇل ھەجلەپ 100 ئىت سېتىۋالغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى ئاشكارا قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت