خىتاينىڭ ئىتالىيىدىكى ئەلچىخانىسى ئىشىكىگىمۇ «چېقىلىدۇ» دېگەن خەت يېزىلدى


2013.08.13

خەلقئارادىكى ئاممىۋى تور بېكىتى فېيسبوكتا 12 - ئاۋغۇست كۈنى يۈزىگە نىقاپ تاقىغان بىرەيلەننىڭ خىتاينىڭ ئىتالىيىدىكى ئەلچىخانىسى دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرغانلىقى، ئۇنىڭ يېنىدىكى «جۇڭگونىڭ ئىتالىيىدىكى ئەلچىخانىسى» دېگەن خەت يېزىلغان تاختا ئاستىغا چوڭ قىزىل خەت بىلەن «چېقىلىدۇ» دېگەن خەت يېزىلغان رەسىم تارقالغاندىن كېيىن تورداشلار ئارىسىدا ئىنكاس قوزغىدى.

بۇ ھەقتە ئىنكاس يازغان تورداشلار نىقاپ تاقىغان بۇ كىشىنىڭ جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇپ، بۇ ھەرىكەت خىتايدا بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قىلىنغان نارازىلىق دەپ تەرىپلەشكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 7 - ئايدىن بۇيان خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئەلچىخانىلىرى دەرۋازىسىغا «چېقىلىدۇ» دېگەن خەت يېزىلىدىغان ئەھۋاللار بىرقانچە قېتىم يۈز بەرگەن بولۇپ، 11 - ئىيۇل كۈنى ئەتىگەن خىتاينىڭ ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ دەرۋازىسىغا، 18 - ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ كانادادىكى ئەلچىخانىسى دەرۋازىسىغىمۇ «چېقىلىدۇ» دېگەن خەت يېزىپ قويۇلغان ئىدى.

ئەينى چاغدا فرانسىيە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە بۇ ھەرىكەتلەرنى «قۇش ھەرىكىتى» دەيدىغان دېموكرات خىتاي تەشكىلاتىنىڭ پىلانلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىش ئارقىلىق خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرى ۋە ئۆيلىرى مەجبۇرىي چېقىلىۋاتقان ئەرزدارلار مەسىلىسىگە قارىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.